• ئەرلەرنىڭ كىيىنىشىدىكى 18 قائىدە - [مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى]

    2008-08-05

    خەتكۈچ:ئەرلەر

    .يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بىلەن قارا رەڭ بايلىق ۋە سۆلەتنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ قالدى. شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىسى قارا رەڭلىك بۇلۇشى كېرەك .
            2. كاستۇم بۇرۇلكىسى قېنىق كۈل رەڭ ، ئاندىن قېنىق كۆك رەڭلىك ، قېنىق كۈل رەڭگە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن، قېنىق كۆككە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن، قېنىق كۈل رەڭ چاقماقلىق بۇلۇشى كېرەك.
          3.ئىنچىكە سىزىق ۋە چاقماق قانچە سۇس بولسا شۇنچە ياخشى، شۇڭا سىنچىلاپ قارىغاندا ئاندىن كۆرگىلى بۇلىدىغان سىزىق ياكى چاقماق رەختلىكنى تاللاش كېرەك.
          4.ياۋروپا پاسۇنىدىكى قوش قاتار تۈگمىلىك كاستۇم-بۇرۇلكىلارنىڭ تۈگمىسى سەل تۆۋەنرەك تاقىلدىغان بولغاچقا، يۇقىرى بەدەن سەل ئۇزۇن كۆرۈنىدۇ،شۇڭا بويى پاكار ئەرلەر بۇنداق كاستۇم كىيىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.
          5.ياقىسىدا تۈگمىسى بار كۆڭلەكنى ھەرگىز قوش قاتار تۈگمىلىك كاستۇم-بۇرۇلكىنىڭ ئىچىگە كىيمەڭ.

     6.ئايىغىڭىزغا ھەر ۋاقىت چاڭ -توزان قونمىسۇن، پارقىراپ تۇرسۇن.
          7. 300 سوملۇق ئاياغنىڭ ئۆمرى 600 سوملۇق ئاياغنىڭكىدىن قىسقا بۇلىدۇ، شۇڭا ئاياغ تاللىغاند پۇلنىڭ كۆزىگە ئانچە قاراپ كەتمەڭ. قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ئۇزۇن كىيىسىز.

    8. ئەڭ قىممەت ئاياغنىمۇ ئۇدا ئۈچ كۇندىن ئارتۇق كىيمەڭ.
          9.ئەگەر ئەتىر ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، چۇقۇم ئەتىر سوپۇن ئىشلىتىڭ.
          10.بەزى پاختا رەخىتلىك كۆڭلەكلەرنىڭ باھاسى ئەرزان بولغىنى بىلەن، ئۆمرى بەك قىسقا بولىدۇ، دەزمال سېلىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
          11.ئەگەر گالاستۇك تاقىمىسىڭىز، كۆڭلەكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تۈگمىسىنى ئېتىۋالماڭ.
          12.ئابرويلۇق، پىشىپ يېتىلگەن ئەرلەرگەنىسبەتەن گلاستۇكنىڭ گۈلى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم، ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى بار گالاستۇكلار كاستۇم-بۇرۇلكىغا ماس كەلمەيدۇ.
          13. گالاستۇكىڭىز بەلۋېغىڭىزدىن تۆۋەن بولۇپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭدىن بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ كەتمىسۇن.
          14. بەلۋاغ بىلەن ئاياغنىڭ سۈپىتى ۋە رەڭگى ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
          15. سۆلەتلىكلەرنىڭ سۆلىتى ھەر ۋاقىت پۇتتا، كاستۇم بۇرۇلكا كىيگەندە ئەنئەنىۋى، يارىشىم-لىق بوغۇچلۇق ئاياغ كىيىڭ.
          16.ھەرگىزمۇ سۈنئىي تالالىق پايپاق كىيمەڭ، ئەڭ ياخشىسى يۇڭ، يىپەك ياكى يۇڭ-يىپەك ئارلاشما تالالىق پايپاقلارنى كىيىڭ.
          17. 24 ياشتىن ئاشقان بولسىڭىز، ئاق پايپاق كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئاق پايپاق سىزنى ئوقۇغۇچىدەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.
        18. قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، گۈللۈك پايپاق ئەرلەرنىڭ كىيىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.