-
يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ!
2008-07-17
شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئەمەتجان نامەت توغرىسىدا
ئامىنە سەن بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز،
ئەقلىمىز، ئەجرىمىز، كۈچ-دەرمانىمىز.
سەن بىلەن بىر نىيەت، بىر سەپتە بولماق،
پەخرىمىز، بەختىمىز، شەرەپ-شانىمىز. . .
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى تيەنجىن يولى بىلەن خېنەن يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان «چەتكە چىقىپ ئوقۇپ كىرگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سارىيى»نىڭ 7- قەۋىتىدە ياڭرىغان «ئامىنە مارشى» پۈتۈن بىنانى لەرزىگە سېلىپ، يىراقلارغا تارالدى. . . «ئامىنە» شىركىتىدىكى بارلىق كەسپىي خادىملار ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت دەل سەككىزدە «ئامىنە مارشى»نى ئېيتىشقا قاتنىشىپ، «يوقلىما»دىن ئۆتەتتى. ئەمەتجان نامەت ئەتتىگەنلىك «مارش»تىن كېيىن، كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن ئۆزىنىڭ «لېدىر ئىشخانىسى»غا كىرىپ كەلگىنىدە ساقلاپ تۇرغان ئاخبارات مۇخبىرلىرى ئۇنى ئورىۋالدى. . . ئەمەتجان نامەت ھازىر ئاددىي بىر يەككە تىجارەتچى ئەمەس ئىدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزگىچە كارخانا مەدەنىيىتى ۋە كارخانا ئوبرازى ياراتقان داڭلىق كارخانىچى، جامائەت ئەربابى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. . . −پۈتۈن بىر شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغىنىم خىيالىمدىمۇ يوق ئىدى،−دېدى ئەمەتجان ماڭا. ئەمەتجاننىڭ دادىسى نامەت قۇربان يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى داڭلىق ئاشپەز بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ بىرنەچچە يېرىدە ئاشخانىسى بار ئىدى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئەمەتجاندا كىچىكىدىنلا تىجارەت ئېڭى يېتىلىشكە باشلىدى. ئۇ 17 يېشىدىلا تىجارەتكە كىرىشىپ، دەسلەپتە ئاشخانا ئاچتى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئېلىكتىر مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى، كېيىنچەرەك تىجارىتىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانلارغا كېڭەيتتى. ئەمەتجاننىڭ تىجارىتى تازا گۈللەنگەن مەزگىللەردە يەنى 2000-يىلى 5- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامىنە خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۈچ پايچېك ھەمكارلىقىدىكى شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، «ئامىنە» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردى ۋە ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان نوقۇت تالقىنى، جىگدە قۇۋۋەت تالقىنى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، ئۇن پىشۇرۇقلىرى، كولا، قەھۋە تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلاتلار خەلقىمىزنىڭ ئىستىمال ئادىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى ئوزۇقلۇق، ئېستىمال قىممىتىگە ۋە خېلى يوشۇرۇن بازار كۈچىگە ئىگە بولغانلىقتىن، شىركەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالى خېلى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما شېرىكلەشكەن ئۈچ پايچىكنىڭ ھەممىسىلا يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن، كارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاندىن سىرت، بازار ئېچىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن شىركەتتە يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغاچقا، شىركەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.«ئامىنە» شىركىتى تېخى ئىككى ياشقىمۇ تولمىغان، كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقان پەيتتە− 2002- يىلى 4-ئايدا يەككە تىجارەتچىلىكتىن كېلىپ چىققان ئەمەتجان نامەت باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىركەتكە شېرىك بولدى. شۇ يىلى 9- ئايدا ئۇ شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى غەيرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قولىدىكى 800مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى %53.33 پاي چېكىنى بىراقلا سېتىۋېلىپ، شىركەتنى «ئۆتكۈزىۋالدى». ئۇزۇن ئۆتمەي شىركەتنىڭ دەسلەپكى ئاساسچىلىرىدىن بىرى، شىركەت تەتقىقاتچىسى، پايچىك ئامىنە خانىم قولىدىكى 135مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ٪9 پاي چېكى ۋە «ئامىنە» ماركىسىنىڭ بارلىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئەمەتجانغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، دۇكان ئايرىدى. شىركەتنىڭ يەنە بىر پايچىكى ئالىم ئەپەندىمۇ قولىدىكى 250 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى %16.67 پاي چېكىنى ئەمەتجانغا ئۆتۈنۈپ بەردى. . . −مەن ٪79 پاي چېكىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، كىرىمىدىن چىقىمى كۆپ، ئىستىقبالسىز بىر شىركەتكە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. . . شىركەتنى قۇرغان پايچېكلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئاساسسىز ئەمەس ئىكەن،−دېدى ئەمەتجان شىركەتتىكى دەسلەپكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ.ئەمەتجان پۇشايمان قىلدى. ئەمدى ئۇ كېچىككەن ئىدى، ئۇنىڭغا ئەمدى سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش، تاللاش ئىمكانىيىتى قالمىغان بولۇپ، چېكىنىشكە يول يوق ئىدى. ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسى بويىچە تىجارەت قىلىپ، يەككە تىجارەتچىلىكتىن خۇسۇسىي كارخانىچىغا ئايلانغان ئەمەتجاننىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى «قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا» كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسىنى باشقۇرۇپ كېتەلىشى، ئىقتىسادىي كىرىزىس قوينىدىن تارتىپ چىقىرالىشى شۇنداقلا مەبلىغىنى ساقلاپ قېلىپ، رىقابەتلىك سودا قاينىمىدا ئۈزۈپ چىقىپ، شىركەتكە ھاياتى كۈچ بېغىشلىيالىشى قىيىن مەسىلە ئىدى. ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر تالاي ئەمەلىي مەسىلىلەر، قىيىنچىلىقلار لېدىر ئەمەتجاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەمەتجان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىركەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە شىركەتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، كېينكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرىگە ئاساس سالدى، شىركەت مۇدىرىيىتىنى يېڭىدىن تەڭشىدى. ئەمدىكى قىيىنچىلىق شىركەتنى خىلمۇخىل كىرزىسلاردىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى ئىدى... «شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئىختىساسلىق خادىملارغا تايىنىشىمىز، جەمئىيەتتىن ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىشىمىز كېرەك». ئەمەتجان ئەنە شۇ ئىددىيىنىڭ تەسىرىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالدى بىلەن خىزمەتكە تەيىنلەش، مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇش، يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بازارنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلات تۈرى بولغان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپ بازارغا سېلىشنى توختىتىپ، بازىرى ياخشى ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك تۈرىنى ئىشلەشنى قارار قىلدى ھەم 15 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىككى ئىچىملىك زاۋۇتى قۇردى. قەشقەر «يېشىل ئارال» مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە كۈنلۈك قارىقات شەربىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 45 مىڭ بوتۇلكىغا يېتىدىغان زامانىۋىلاشقان ئىچىملىك زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ئەمەتجان ۋە شىركەتتىكى يېڭى ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، شىركەتنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ، قېلىپلاشتى. تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچىيىپ، يېڭى مەھسۇلاتلار تەتقىق قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىندى. بازار ئېچىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرى كېڭەيدى. مەھسۇلاتلارنىڭ بازار قاپلاش نىسبىتى كۈنسېرى ئېشىپ، شىركەت تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش بارلىققا كەلدى. شىركەت بازارغا سالغان ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى رېتسىپلىرى بىلەن ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزگىچە تەمدىكى «ئامىنە» ماركىلىق زەپە خۇشرۇھ ئېچىملىكى، قارىقات شەربىتى، شاپتۇل شەربىتى، ئاپلېسىن شەربىتى، گىلاس شەربىتى، ئانار شەربىتى، «ئامىنە» ماركىلىق قىزىل چاي، يېشىل چاي، بۇقا ۋىتامىنلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكى قاتارلىق 27 تۈرلۈك «ئامىنە» يۈرۈشلۈك ئىسپرىتسىز ئىچىملىكى دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭلا ئەمەس، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.−شىركەتنىڭ لېدىرىلىقىنى ئۈستۈمگە ئالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، «ئامىنە» ماركىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر ماركىنى قوللىنىشنىمۇ ئويلىغانىدىم، بىراق قىزىمنىڭ ئىسمىنىڭمۇ ئامىنە بولغانلىقى، «ئامىنە» ماركىسىنىڭ خەلق ئارىسىدا خېلى تونۇلۇپ قالغانلىقى، «ئامىنە» دېگەن بۇ ئاددىي ئەمما خاسىيەتلىك ئىسىمنىڭ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن ھالقىپ كەتكەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا ماركا قوللىنىش خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم،− ئەمەتجان «ئامىنە» ماركىسى ھەققىدە توختالغاندا شۇنداق دېدى. ئەمەتجان نامەت ئىلگىرى تىجارەت بىلەن ئىچكىرىگە كۆپ قېتىم بارغان. شۇ مەزگىللەردە ئۆزى ئېلىۋالغان قۇرۇق نان ۋە ئىچكىرىنىڭ تەييار چۆپلىرىگە تايىنىپ، بىر نەچچە كۈن ھەتتا بىر نەچچە ئاي «جان باققان» ئىدى. «ئۆزىمىزنىڭ تەييار چۆپلىرى بولغان بولسا−ھە! ». . . ئۇ كۆپ قېتىم ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلاپ، گېزى كەلگەندە تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئارزۇسىدا بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ پۇرسىتى كەلدى، شارائىتىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ئىدى. ئەمەتجان نامەت 2005-يىلى 20مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنىڭ يېڭى سانائەت باغچا رايونىدا يىللىق ئۇن سەرپىياتى 7500 توننىدىن ئاشىدىغان، يىلىغا 80 مىليۇن قاپ تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان كۆلەملەشكەن، پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان ئاقما لىنىيىلىك مۇسۇلمانچە تەييار چۆپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، ئۆزگىچە خۇرۇچ بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان كاۋاپ تەملىك، توخو قوردىقى تەملىك، قاچىلىق تەييار چۆپلەر بولۇپ 35 تۈرلۈك «ئامىنە» تەييار چۆپىنى ئىشلەپچىقىرىپ، بازار سالدى. قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە «ئامىنە» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۆپخىل تەملىك تەييار چۆپلەر ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىنى ئىگىلەپلا قالماي، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى. پەقەت 2007- يىلىلا پاكىستان، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 5 مىليۇن يەشىك «ئامىنە» تەييار چۆپلىرى ئېكىسپورت قىلىنىپ، 2 مىليون دوللارلىق تاشقى پېرىۋوت يارىتىلدى. شىركەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە كۆلىمىنىڭ داۋاملىق چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەمەتجان نامەت شىركەتكە جەمئىيەتتىن ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلدى. كۆپ قېتىم تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك يارىتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن 500 نەچچە ئوقۇغۇچىنى شىركەتكە ئورۇنلاشتۇردى. مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىزمەتچىلەرنى سېستىمىلىق تەربىيىلەپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتتى. ئىلغار باشقۇرۇش تۈزۈمى، كۆڭۈللۈك ۋە ئازادە خىزمەت مۇھىتىنى يارىتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ قابىلىيىتىگە ۋە ياراتقان ئۈنۈمىگە قارىتا يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىركەتنىمۇ، ئۆزىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئەمەتجان نامەت ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، بىر يەككە تىجارەتچىدىن كەسكىن بازار رىقابىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان داڭلىق كارخانىچىغا ئايلاندى. بۇ جەرياندا ئۇ كارخانىنى ئۆزگەرتتى، كارخانىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا مۇكەممەل سودا-مۇلازىمەت تورىنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونۇم رايونىمىز، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ھەتتا چەتئەللەردىكى خىلمۇخىل يەرمەنكە، تېزلىتىپ سېتىش، تونۇشتۇرۇپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خېرىدار چاقىرىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە(ئاپتونۇم رايون)لىرى ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، تىيەنجىن، چۇڭچىڭ قاتارلىق تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ۋاكالەتچىلەر ۋە مۇقىم سېتىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلدى. 2007- يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى گۇاڭجۇ «جىنفېڭ» بىئو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى چېن مەنشيا «ئامىنە» شىركىتىگە كېلىپ، «ئامىنە» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە «ئامىنە» زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، «ئامىنە» شىركىتىنىڭ لېدىرى ئەمەتجان نامەت بىلەن «جىنفېڭ» ماركىسىدا بىر يىلدا سوممىسى 15 مىليون يۈەنلىك 500مىڭ يەشىك قاراقات سۈيى ۋە زەپە خۇشرۇخ ئىچىملىكى ئىشلەپ بېرىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. ئىچكىرى ئۆلكە كارخانىلىرىنىڭ مىللىي شىركەتلەرگە ۋاكالىتەن مال ئىشلەپ بېرىشنى زاكاز قىلىشى ھەقىقەتەن بىر يېڭىلىق بولدى. «ئامىنە» شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا ۋاكالىتەن مەھسۇلات ئىشلەپ بېرىشىدەك يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «مىللىي يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭدا ئۆز نامىدا ساتىدۇ». . . دېگەندەك بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن رەددىيە بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەمەتجان نامەت ئەپەندى بۇ يىل 8– مايدىن 13– مايغىچە مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر يەرمەنكىسىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە ھەر قايسى ئەللەردىن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار قاتناشقان بولۇپ، يەرمەنكىدە دۇنيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇسا شىدام ئەپەندى ۋە كۇئالالۇمپۇر شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى «ئامىنە»نىڭ يايما ئورنىغا كېلىپ لېدىر ئەمەتجان ئەپەندى بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ۋە «ئامىنە» مەھسۇلاتلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە «ئامىنە»لىكلەر 200مىڭ دوللارلىق پالما مېيى ۋە ئىچىملىك ئىمپورت– ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ «ئامىنە»نىڭ رايونىمىزدىن ئېشىپ، چېگرا ھالقىغانلىقىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.−مەن شىركەتنى تونۇتتۇم، شىركەتمۇ مېنى تونۇتتى،−دېدى ئەمەتجان نامەت ماڭا. ئۇ تونۇلدى، ئۆزى كۆتۈرۈلگەندە ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1 مىليۇن يۈەندەك پۇلنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرىپ قىلدى، ئوندىن ئارتۇق نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىق خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. . . ئەمەتجان كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ياشلار پەن- تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا، «مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى»، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى نەمۇنىلىك شەخس»، «يېڭى كەسىپ ئېچىشتىكى ئىلغار شەخس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى سودا-سانائەتچىلەرگە ۋاكالىتەن بۇ يىل 1- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتناشتى. «ئامىنە» شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 2002-يىلى خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى WHO نىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ FDA گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. 2003-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «ئامىنە» شىركىتى «داڭلىق كارخانا» مۇكاپاتىغا ، 2004-يىلى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەرىپىدىن «توختامغا رىئايە قىلىدىغان، ئىشەنچلىك كارخانا» شەرىپىگە ئېرىشتى. 2005 - يىلى «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، پىراكتىكا قىلىش بازىسى»، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى بولۇپ باھالاندى. شۇ يىلى «ئامىنە» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ QSئجازەتنامىسىگە ئېرىشىپ، «ئامىنە» ماركىسى «شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. شىركەت يەنە 2007-يىلى 1- ئايدا مەركىزى ئىتتىپاق كومتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يۈز ئىلغار كارخانا »نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى، 2007- يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «ئامىنە» مەھسۇلاتلىرى «ئالتۇن تاۋار مۇكاپاتى»، «ئەڭ تونۇلغان تاۋار مۇكاپاتى»، «ئەڭ ئالاھىدە تاۋار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 15- ئاپرىلدا مەن «ئامىنە» شىركىتىگە زىيارەتكە بارغىنىمدا شىركەتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئەمگەك توختامى قانۇنى» غا ئاساسەن بارلىق خادىملار بىلەن يېڭى ئەمگەك توختامى تۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. −ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان ئىكەن، ئەمگەك توختامى ئىمزالىنىشى كېرەك،−دېدى ئەمەتجان ماڭا چۈشەندۈرۈپ،−شىركىتىمىزنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرىشى ۋە خادىملار بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ئىشلىتىش-ئىشلەش مۇناسىۋىتىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىشى بىر تەرەپتىن شىركىتىمىزنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىنى قانۇنىي تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. توختامنامە ئارقىلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ئېنىق ئايرىلىدۇ ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولىدۇ. ئەمگەك توختامنامىسى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، توختامنامىگە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپكە ئادىل ۋە باراۋەر بولمىغان، قانۇنسىز، ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇشىغا قانۇنلۇق چەكلىمە قويۇلىدۇ. بۇ خادىملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقى ۋە بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. . .4- ئىيۇل كۈنى مەن يەنە «ئامىنە» شىركىتىگە زىيارەتكە باردىم. شىركەت رەھبەرلىرى جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى تەشكىللىكىدىكى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋە ئىران ماشاد سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سودا ھەمكارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. سۆھبەتنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراكچىسى سۈپىتىم بىلەن «پىشقەدەم» يەككە تىجارەتچى، ياش كارخانىچى ئەمەتجان ئەپەندىنىڭ سودا ۋە رىقابەت قاينىمىدا ئاللىقاچان پىشىپ-يېتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىقىم يەنىمۇ ئاشتى...
ئەمەتجان نامەتنى پۇل تاپتى دېگەندىن كۆرە، يول تاپتى دېسەك ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن. شۇنداق ئۇ يول تاپتى، «ئامىنە» شىركىتىنى خەلقئاراغا يۈزلەنگەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئۇنى يېڭى يوللارنى داۋاملىق ئېچىشقا ئۈندەۋاتاتتى. . .
随机文章:
سىزنى باي قىلىدىغان 25 خىل چارە! 2008-07-17ئەسلىمىزگە قايتايلى ئەركەكلەر 2008-06-28Windows XP使用技巧 2 2008-03-14Windows XP使用技巧 1 2008-03-14