-
ۋىستانى ئىشلەتكەندىن كېيىن... - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]
2008-05-31
بەلكىم بىرقىسىم ئىشتىن سىرتقى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مىكروسوڧتنىڭ ۋىستا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تۇنجى تەسىرات «ئىزدەش» بولۇشى مۇمكىن...كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن سىستېما مەشغۇلاتىغا نىسبەتەن پىششىق ھېسابلىنىدىغان مەنمۇ دەل شۇنداق.... تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندە ئادەتتە ۋىندوۋسنىڭ باشقا نەشرلىرىدە ئاسانلا تاپقىلى ۋە قوزغاتقىلى بولىدىغان بەزى ئىقتىدارلارنى تاپالماي خېلىلا قىينالدىم... ئەمما بىرەر كۈن ھەپىلەشكەندىن كېيىن كۆنۈپ كەتتىم ... راستىمنى ئېيتسام ۋىستانىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىگە كۆيۈپ قالدىم ... نېمىشقا؟... چۈنكى ۋىستا ھەقىقەتەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.... ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىر ناھايىتى جەلىپكار بىر قىز ھېسابلىنىدۇ... مەن ئۇنىڭغا خۇددىي قىزلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىمەن.... پىكى ئالماشتۇرىمەن... ئۇنى باشقۇرىمەن ھەم نۇرغۇن ئىشلىرىمنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىمەن..... رەھمەت سىلەرگە، مىكروسوڧت ئەزىمەتلىرى....